سۇلايمان سويلۇ سىيرت - ئېرۇخ جىراف رايونىدا 4 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى

سىيرت - ئېرۇخ جىراف رايونىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 4 كە يەتتى

1435533
سۇلايمان سويلۇ سىيرت - ئېرۇخ جىراف رايونىدا 4 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە، سىيرت - ئېرۇخ جىراف رايونىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقان ۋە ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ياردەم قىلغان ھەرىكەتتە، يەنە ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىلگىرىمۇ شۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، سىيرت-ئېرۇخ جىراف رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 4 كە ئۆرلىدى.

باياناتتا ، رايوندا ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇمۇ تىۋىتتېر ھېساباتىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «سىيىرت ئېرۇخ جىرافتا خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. ۋالىيمىز، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانى ۋە پىداكار دوستلىرىم بىلەن ھازىر كۆرۈشتۈم. يەنە ئىككى تېرورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، جەمئىي سانى بۈگۈن تۆتكە يەتتى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىرناكنىڭ فاراشىن رايونىدا ۋە دىيارباكىردا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىيارباكىردا ئېلىپ بېرىلغان ۋە  ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ياردەم قىلغان ھەرىكەتتە ئۇجۇقتۇرۇلغان بىر تېررورچىنىڭ بولسا،  ئاپېلسىن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەكرەم ئىپتاس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ ئارىلىقتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان PKK / YPG تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 ئەزاسىنىڭمۇ ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر