تۈركىيە ئامېرىكانى تۈرك ئەدلىيەسىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مۇستەقىل تۈرك ئەدلىيەسىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى...

1434304
تۈركىيە ئامېرىكانى تۈرك ئەدلىيەسىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇزنىڭ «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 8 يىل 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «قاراردىن ئۈمىدسىزلەندۇق» ۋە  «قارارنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى باياناتىغا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىنكاس قايتۇردى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، توپۇزنىڭ (فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) فەتوغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ۋە 7 كۈن ئىچىدە بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ توپۇزغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي قارارنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ دائىرىدە سوتنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن شۈبھىلەنگەن باياناتى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا مۇداخىلە قىلىش بولۇش بىلەن بىرگە، چەت ئەل دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە ئالاقىدار قائىدە – تۈزۈملەرگىمۇ زىتتۇر. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ، مۇستەقىل تۈرك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇنىي تەكشۈرۈشلەرگە مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىستانبۇل 14- جىنايى ئىشلار يۇقىرى سوتى توپۇزنى «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بەرگەنلىكى» ئۈچۈن 8 يىل 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر