ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇز ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇز قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 8 يىل 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1434222
ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇز ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق ساقچى خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر شۇنداقلا قاچقۇن سوتچى مۇپەتتىش زەكەرىييا ئۆز بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇز، قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىستانبۇل 14- ئېغىر جازا سوت مەھكىمىسىدىكى سوتتىن كېيىن قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

سوت كوللېگىيەسى، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشى تەلەپ قىلىنغان مەتىن توپۇزغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ سوتلاش جەريانىدا «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش» جىنايىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، توپۇزنىڭ «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 8 يىل 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا تارتىلىشىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوت گوللېگىيەسى، مەتىن توپۇزنىڭ «دۆلەتنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى كېرەك بولغان ئۇچۇرلىرىنى سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە قولغا چۈشۈرۈش»، «قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش»، «سانلىق مەلۇماتلارنى قانۇنغا خىلاپ شەكىلدە بېرىش ياكى قولغا كىرگۈزۈش» ۋە «مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش» جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر ئەيىبلەشلەردىن ئاقلانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

توپۇزنى تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر