تۈركىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئىزچىل 20 دىن تۆۋەن بولدى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ھەم ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىدا، ھەمدە يۇقۇم سانىدا مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشتى.

1434254
تۈركىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئىزچىل 20 دىن تۆۋەن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 763 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 49 مىڭ 190 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 987 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 21 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 147 مىڭ 860 گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر