فاخرەتتىن ئالتۇن ئامېرىكانى مالىمان قىلىۋاتقان كوممۇنىست <Antifa>  تەشكىلاتى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى  فاخرەتتىن ئالتۇن كوممۇنىست نىڭ PKK بىلەن ئوخشاش ئىدىئولوگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1430944
فاخرەتتىن ئالتۇن ئامېرىكانى مالىمان قىلىۋاتقان كوممۇنىست <Antifa>  تەشكىلاتى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى  فاخرەتتىن ئالتۇن ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىدنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشلانغان نامايىشتىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ تىزىمغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان «Antifa» نىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.  

فاخرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ھېسابىدا، «Antifa» نىڭ پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا زوراۋانلىق خاراكتېرلىق نامايىشلارغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتى.

فاخرەتتىن ئالتۇن ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «سۈرىيەدىكى تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا دۇنيا مىقياسىدا زوراۋانلىق خاراكتېرلىق ھۇجۇملار بىلەن شۇغۇللانغان  <Antifa> نىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى كۆردۇق» دېدى

ۋىدېئودا <Antifa> نىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK / YPG  بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» چۈشەندۈرۈلدى.

ۋىدېئودا <Antifa> نىڭ تىنچلىق ئاساسىدىكى نامايىشلاردىن نەپ ئۇندۇرۇش ئۈچۈن قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقى تەكىتلىنىپ،  تۈركىيەنىڭ «رادىكال سولچى» ۋە «ئانارخېستلار» دەپ بىلىنىدىغان كوممۇنىست <Antifa> نىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكادا، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى قىلغانلىقىدىن شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىچ قويان مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈردى.

كوممۇنىست <Antifa> نىڭ PKK بىلەن ئوخشاش ئىدىئولوگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەندۈلگەن سىندا يەنە، PKK نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان YPG نىڭ نۇرغۇنلىغان <Antifa>  ئەزالىرىنى تەربىيلەپ بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر