دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا 4، ماردىندا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1430089
دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن، ئاۋاشىن ۋە زاپ رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماردىننىڭ ئۆمەرلى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قومانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىم، ئالاھىدە قىسىم ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، كۆپ ساندا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

سىئئىرت ۋىلايىتىنىڭ بايقان ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بولسا، ئىككى تېررورچى قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر