تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 4 – ئىيۇندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1427517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى مۇدىرى بىلال ئەكشى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 4 – ئىيۇندىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «4 – ئىيۇندىن تارتىپ ئىستانبۇلدىن ئانادولۇنىڭ 34 ۋىلايىتىگە، ئەنقەرەدىن 15 ۋىلايىتىگە، (ئىستانبۇلدىكى) سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن 14 ۋىلايەتكە ئىچكى لىنيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمىز قاتناشنى باشلايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.