سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1427966
سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوغرىلىقچى كىرىپ ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالدىنى ئالدى. رايوندا ھۇزۇر ۋە ئامانلىقنى بۇزماقچى بولغان 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 4  تېررورچىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، يايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسىلم بولغان تېررورچىلار سانىنىڭ 81 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر