ئاقار تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 109 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى (THK) نىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ۋەزىپىلىرى بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارانىڭ تىنچلىقىنى قوللاش خىزمەتلىرىدىكى ۋەزىپىلىرىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1427172
ئاقار تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 109 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يىل ئايلىنىش كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقىتىپ، ھەربىي ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى بىر ئەسىردىن ھالقىغان تەجرىبىسى، لاياقەتلىك خادىملىرى، زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئالاھىدە ئۇتۇقلىرى بىلەن ھاياجانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئالىيجاناب تۈرك مىللىتىنىڭ ئىپتىخارى ۋە پولاتتەك ئىپادىسى بولغان ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 109 يىللىقىنى قىزغىنلىقلىق بىلەن ھاياجان ئىلكىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، 1911-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئىستىقبال ئاسمانلاردا» دېگەن سۆزنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئىلغار ھاۋا تېخنىكىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىلغار تېخنىكىنى ئىشلىتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق ۋە لاياقەتلىك خادىملىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھاۋا ئارمىيەلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خۇلۇسى ئاقار باياناتىدا ««تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ۋەزىپىسىدىن باشقا، خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىقنى قوللاش پائالىيىتى دائىرىسىدىكى ۋەزىپىسىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى، ئۇ، ئالىيجاناب مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 109 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى؛ ۋەتىنىمىزنىڭ، كۆك ئاسنىمىزنىڭ ۋە ئالىيجاناپ مىللىتىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ۋە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان قەھرىمان غازىلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن، ھايات قەھرىمان غازىلىرىمىزغا ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىقىمنى سۇنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر