سويلۇ ئوۋاجىكتا تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۇنجەلىنىڭ ئوۋاجىڭ ئەتراپىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1427046
سويلۇ ئوۋاجىكتا تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۋىتتېردا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» كە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەپتە ئاخىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن قاباھەتلىك كۈن بولدى. قەھرىمان قوراللىق ساقچى قىسملىرىمىز ھاۋا قىسمىمىزنىڭ ياردىمى ئاستىدا تۇنجەلى ئوۋاجىك ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە ئۈچ تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلدى. ھەپتە ئاخىرى مەملىكەت ئىچىدىلا جەمئىي 14 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر