ئوكتاي: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

1426146
ئوكتاي: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاتلانتىك كېڭىشى بىلەن تۈركىيە مىراس فوندى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ جەرياندا پۈتكۈل دۇنيا سىناقتىن ئۆتەلمىدى، ئەمما تۈركىيە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، مەركەزنىڭ كۈچى ۋە بىيۇروكراتىيەگە تايىنىۋېلىشتىن ھالقىتىپ، تېخىمۇ جانلىق ۋە تېخىمۇ ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان شەكىلدە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش باسقۇچىدا يەر شارىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن توڭلىتىپ قويۇلدى، ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھالى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئېڭى كۈچەيدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، يېڭى پۇرسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر