تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە سومالىدا 8 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1426187
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سومالىنىڭ ھىرشابېل رايونىغا جايلاشقان گولولېي يېزىسىدىكى بىر سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىغا قىلىنغان ۋە بۇ يەردە پونكىتنىڭ 8 خادىمى نامەلۇم قوراللىقلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز.»