تۈركىيە پاراگۋايغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە پاراگۋايدا كۈتۈنۈشكە مۇھتاج 60 بالىغا قىشلىق كىيىم-كېچەك ياردەم قىلدى.
1424985

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاسونسىيون ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تەييارلانغان قىشلىق كىيىم – كېچەكلەر كۈتۈنۈشكە مۇھتاج 60 بالىغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
تۈركىيەنىڭ ئاسونسىيون باش ئەلچىسى ئارماغان ئىنجى ئەرسوينىڭ ئەسكەرتىشىچە، پايتەخت ئاسونسىيوندىكى كۈتۈنۈشكە مۇھتاج بالىلار تۇرۇۋاتقان نېمىتى مەركىزى ۋە ئاسونسىيوندىن تەخمىنەن 180 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كائاگۇئازۇ شەھىرىدىكى يەرلىك بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان پۇنتا پورا مەركىزىگە قىشلىق كىيىم – كېچەك ياردەم قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نېمېتىدىكى بالىلارغا 23-ئاپرېل كۈنىمۇ غىزا ياردمى قىلىنغان.