تۈركىيەنىڭ تېببىي ياردەم ئايروپىلانى چادقا يېتىپ باردى

تۈركىيەدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تېببىي ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يولغا چىققان ئايروپىلان ئافرىقا دۆلىتى – چادقا يېتىپ باردى.

1424044
تۈركىيەنىڭ تېببىي ياردەم ئايروپىلانى چادقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن ئەتىگەن پايتەخت ئەنقەرەدىن يولغا چىققان ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ (تۈنۈگۈن) كەچتە چادقا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتكە تېببىي ياردەم بۇيۇمى ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر