ئەردوغان نەزەربايېۋ قاتارلىق بىر قاتار رەھبەرلەر بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ ۋە تۇنجى پىرېزىدېنتى ئەلباشى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان قاتارلىقلار بىلەن تېلېفونلاشتى.

1423632
ئەردوغان نەزەربايېۋ قاتارلىق بىر قاتار رەھبەرلەر بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مەزكۇر لىدېرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر