تۈركىيەدە بۈگۈن 28 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىسىدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى مىڭدىن تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1423865
تۈركىيەدە بۈگۈن 28 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 28 ئادەمنى قوشقاندا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 4397 گە يەتتى؛ مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن 19853 كىشىنىڭ 948 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

بۈگۈن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالىنىستتىن چىققان 1492 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 121507 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر