تۈركىيە چادقا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى

تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئافرىقا دۆلىتى – چادقا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى.

1423707
تۈركىيە چادقا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئا400م تىپلىق يۈك ئايروپىلانغا بېسىلدى، تېببىي ياردم بۇيۇملىرىنىڭ ئارىسىدا بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلانغا قاچىلانغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئۈستىگە مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر بار. قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزلىرى يېزىلدى.

چاد سەھىيە مىنىستىرلىقى، تەۋەلىكىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۈزىسىدىن تۇنجى قېتىم 29 – ئاپرېلدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتكە تېببىي ياردەم بۇيۇمى ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر