چاۋۇشئوغلۇ روزا ھېيت دىپلوماتىيەسى ئېلىپ باردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى.

1423175
چاۋۇشئوغلۇ روزا ھېيت دىپلوماتىيەسى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، ئانگولا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېتې ئانتونىيو، بۇلغارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېكاتېرىنا زاخارىيېۋا، گامبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مامادوۋ تانگارا، مالدىۋې تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ شاھىد، زامبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف مالانجى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىگەن.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، «28-ماي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نىمۇ تەبرىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر