ئەردوغان يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) يۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىپ، «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغدىشىمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈر» دېدى.

1422674
ئەردوغان يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن سىنئالغۇ يىغىنى ئاچتى.

ئەردوغان يىغىندا «دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشى ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى نىشانى پۈتۈن دۇنيادا ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىلمەكتە ۋە ئۈلگە ئېلىنماقتا » دېدى ھەمدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرۈلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر