ئەردوغان: «پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھېچكىمگە خۇشامەت قىلىنىشىغا يول قويمايمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھېچكىمگە خۇشامەت قىلىنىپ سۇنۇلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1423046
ئەردوغان: «پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھېچكىمگە خۇشامەت قىلىنىشىغا يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەردوغان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا «مەن پەرۋەردىگارىمدىن بۇ مۇقەددەس كۈنلەرنىڭ، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشايدىغان مەزگىلنىڭ خۇشخەۋىرى بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇم مەزگىلىنىڭ ھېچقانداق رايون، خەلق ياكى دۆلەتكە نىسبەتەن ئىمتىيازلىق  مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان «ئۈچ دىننىڭ مۇقەددەس ماكانى ۋە بىزنىڭ تۇنجى قىبلىمىز بولغان قۇددۇس -شەرىفنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە « پەلەستىن زېمىنىنىڭ ھېچكىمگە خۇشامەت قىلىنىپ سۇنۇلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشى (USCMO) نىڭ باش كاتىپى ئوساما جەمالمۇ «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇشۇنداق مۈشكۈل پەيتتە كۆرسەتكەن رەھبەرلىكى ھەقىقەتەن مەھىيەگە ئەرزىيدۇ، بىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز». دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر