تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ساقايغانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

1422558
تۈركىيەدە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 32 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 4308 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا  40  مىڭ 178 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1186 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1491 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 117 مىڭ 602 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر