چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئەتتاھىر سەييالە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1421733
چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىنىڭ  تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن پەلەستىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى، ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسافەۋى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمى قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلىش پىلانىغا قارشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر