تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1420835
تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەنىڭ بورنو ۋە يوبې ئۆلكىلىرىدە ئالدىنقى كۈنى مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «بۇ ئەپسۇسلىنارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، نىگېرىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

نىگېرىيەنىڭ بورنو ۋە يوبې ئۆلكىلىرىدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇملىرىدا 20 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر