قالىن: . ئىشغال قىلىش ۋە قوشۇۋېلىش جىنايەتتۇر، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى رەت قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋېلىش پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1420253
قالىن: . ئىشغال قىلىش ۋە قوشۇۋېلىش جىنايەتتۇر، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى رەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىش پىلانىنى رەت قىلىمىز ۋە دۇنيانى (بۇ ھەقتە) پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز. ئىشغال قىلىش ۋە قوشۇۋېلىش جىنايەتتۇر. تۈركىيە، پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ۋە قوشۇۋېلىنىشى سىياسىتىگە قارشى تاشلىنىدىغان بارلىق قەدەملەرنى قوللىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر