ئەردوغان: 24 – 26 ماي روزا ھېيت كۈنلىرى كوچىغا چىقىش چەكلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – 26 – ماي روزا ھېيت كۈنلىرىدە بارلىق شەھەرلەردە كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1419557
ئەردوغان: 24 – 26 ماي روزا ھېيت كۈنلىرى كوچىغا چىقىش چەكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىچكى كابىنېتىنىڭ 8 – قېتىم ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ سايىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئازىيىۋاتىدۇ. نوۋماللىشىش باسقۇچى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار سانىنىڭ 0 گە چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر سەلبىي جەھەتتىن ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقسا، بىر قىسىم قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇشىمىز مۇمكىن. پۈتكۈل دۇنيا ھەمكارلىشىپ چارە ئىزدىگەندىلا، ئاندىن يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى بار <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ تەھدىتىنى تامامەن يوقاتقىلى بولىدۇ. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇزۇن يىللار چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى تامامەن تاقاپ، كۈندىلىك ھاياتنى توختىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تۈگىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرالمايمىز. شۇڭا، نورماللىشىش كېلەر ئاي كەڭ دائىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 24 – 26 – ماي روزا ھېيت كۈنلىرى ھارپا كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتكۈل تۈركىيەدە كوچىغا چىقىش چەكلىنىدۇ. يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى سېنتەبىر ئېيىدا باشلىنىدۇ. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا بولسا، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە باشلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر