ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ قاتناشتىكى كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەسى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى » دىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتىدىن شەكىللىنىدىغان دۇنيادا تۈركىيەنىڭ  قاتناشتىكى كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1418599
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ قاتناشتىكى كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەسى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «چاناققەلئە 1915 كۆۋرۈكى مۇنارى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش مۇراسىمى» تېمىلىق  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «<چاناققەلئە بوغۇزى> غا كۆۋرۈك سېلىش قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيانقى ئارزۇيىمىز ئىدى، ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئارزۇلارغا ئوخشاشلا بۇ ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ بىزگە نېسىپ بولدى. <دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك> ئۇنۋانىغا ئىگە چاناققەلئە 1915 كۆۋرۈكى، <چاناققەلئە زەپىرى> مىزنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بوغۇزنى بېزەيدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ ئۆتىمەنكى، ۋاندا ۋەفا ئاممىۋى ياردەم جەمئىيىتى ئەترەتلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمىىنى ئېلىپ بارغان، ئەسكەرلىرىمىز، ساقچىلىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملىرىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلار چوقۇم بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. دەرۋەقە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر