تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1418460
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا  بەرگەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخىرقى باياناتى، دائىم تەكرارلىنىدىغان ۋە ھېچقانداق بىر نىشانغا يېتىشنى مەقسەت قىلمايدىغان قۇرۇق سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تۈركىيەنىڭ ياخشى نىيەتلىك تىرىشچانلىقلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىۋاتقان ۋە گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز ۋە قانۇنسىز دەۋالىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان بۇ ئاڭنىڭ، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشۇشى مۇمكىن ئەمەس. دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقنى، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە كەلگەندە شەرتسىز كۆرسىتىشى تولىمۇ مەنىلىكتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، ھەمكارلىقنى باھانە قىلىپ، قارىغۇلارچە گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ باياناتچىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا، سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتۇر، خەلقئارا قانۇننىڭ، تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشتۇر.  ئادالەتنى ئاساس قىلىدىغان دىيالوگقا ئىشىكلىرىمىز ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا ئوچۇقتۇر.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن چاقىرىلغان تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە سۇ تەۋەلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر