تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا چېگرا ھالقىپ زەربە بەردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە مەتىنا رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1416320
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە مەتىنا رايونلىرىدا پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنىڭ ئورنىنى بېكىتكەنلىكىنى، تېررورچىلارنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.