تۈركىيە – رۇسىيە 10 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى « M4» تاش يولىدا تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى 10 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.
1415721
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى « M4» تاش يولىدا، قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 10 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارغان.
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئەسكەرلەر چارلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يۈزلىرىگە ماسكا تاقىغان ۋە قوللىرىغا پەلەي كىيگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان قاتاردا سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەدىر جاموس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.