تەسلىم بولۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سانى ئاشماقتا

ماردىننىڭ نۇسايبىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ  1  ئەزاسى قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە ساقچىلارغا تەسلىم بولدى.

1415178
تەسلىم بولۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ساقچى ۋە ژاندارما قىسىملىرى، ئائىلىلەرنىڭمۇ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدا تارقىتىلىش داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە، تۈنۈگۈن پ ك ك نىڭ يېزا قۇرۇلمىسىغا 2014 - يىلى قاتناشقان ۋە تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئالغان ر.گ  ئىسىملىق ئەزاسى ماردىننىڭ نۇسايبىن رايونىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

شۇنداق قىلىپ، 1 - يانۋاردىن بۈگۈنگە قەدەر قايىل قىلىش يولى بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن تەسلىم بولغانلارنىڭ سانى 76 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر