ئەردوغاننىڭ ئانىلار بايرىمى تەبرىكنامىسى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

1414311
ئەردوغاننىڭ ئانىلار بايرىمى تەبرىكنامىسى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا «كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، پىداكارلىق ۋە چەكسىز مۇھەببەتنىڭ نامايەندىسى شۇنداقلا ئەڭ قىممەتلىك پاناھگاھىمىز ۋە تۇنجى ئۇستازىمىز بولغان ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن». دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتقان.

تەبرىكنامىدا، «ھەممىمىزگە نىسبەتەن رەھىم-شەپقەت ماكانى ۋە ئەڭ بىخەتەر پاناھجاي ھېسابلىنىدىغان ئانىلىرىمىز، <جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا > دەپ ئىشىنىدىغان بىزلەرگە نىسبەتەن باش تاجىمىزدۇر. كەلگۈسىمىزنى بىز ئامانەت قىلغان ئۆسمۈر ۋە ياشلىرىمىزنىڭ ھېس – تۇيغۇ، خاراكتېرلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئانىلىرىمىز ئەڭ ئاسالىق رولنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى قەتئىي ئادا قىلالمايمىز.  ئۇلار بەدەلسىز سۆيگۈ، سەۋرچانلىق ۋە پىداكارلىققا ئوخشاش ئۇلۇغ خىسلەتلىرى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە بولماقتا. پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بارلىق قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كېرىدىغان، چوڭقۇر قاراشلىرى بىلەن يولىمىزنى يورىتىدىغان ئانىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياچلىرىنىڭ قامدىلىشى، ئۈمىدلىرىنىڭ  ئىشقا ئاشۇرىلىشى، خۇشال ۋە خاتىرىجەم بولىشى، تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. كەلگۈسىمىزنىڭ شۇنداقلا بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىناكارلىرى بولغان، ھەمىشە ھۆرمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىغا ھەقلىق ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، ۋاپات بولغان بارلىق ئانىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق ۋە ئاللاھتىن مەرھەمەت تېلەش  ئەسلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر