ئىدلىبتا تۈركىيە – رۇسىيە 9  - قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى 9 – قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.

1412713
ئىدلىبتا تۈركىيە – رۇسىيە 9  - قېتىم ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە – رۇسىيە كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىدلىبتىكى ‹M4› تاش يولىدا تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرى 9 – قېتىم قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 5 – مارت كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى  موسكۋادا كېلىشىم تۈزگەنىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدىكى ئالاقە لىنىيەسىنى بويلاپ، بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ 6 – مارتتىن باشلاپ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت، « M4» تاش يولىنىڭ شىمالىدا 6 كىلومېتىر، جەنۇبىدا 6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر بىخەتەر كارىدور شەكىللەندۈرۈش ۋە « M4» تاش يولىنىڭ بىر بۆلۈمىدە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر