ئەردوغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە، شۇنداقلا دۇنياغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەشتە مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1410687
ئەردوغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سالامەتلىكى ياخشىلانغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشماقتا. يېڭى بېمارلارنىڭ سانى مىڭ رەقىمى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھالغا كەلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ 1 يېرىم ئاينى ئارقىدا قالدۇرغان ۋاباغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىدىن كېيىن نورمال ھاياتقا قايتىشنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نورمال ھاياتقا قايتىمىز، ئەمما بۇ يېڭى نورمال ھايات بولىدۇ. چەكلىمىلەر ئازايسىمۇ، ئەمما داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ نورماللىشىش باسقۇچىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ ئايغا سوزۇلىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە 65 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالارغا ھەپتە ئاخىرىدا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرگە 13-مايدا تۆت سائەتتىن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېيىنكى قەدەمدە سودا ئورۇنلىرىنىڭ ۋە مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئېچىلىدىغانلىقىنى، ھەربىيلىكتىن قايتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ مۇشۇ ئاي ئاخىرىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئەھۋالغا قارىتا ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قائىدەلەرگە بويسۇنمىغان ئەھۋالدا قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر