ئەردوغان تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ بارلىق خادىملىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

بۈگۈن، تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 56 – خاتىرە يىلى تەببرىكلەنمەكتە.

1409009
ئەردوغان تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ بارلىق خادىملىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ 56 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ت ر ت  باش دېرىكتورى  ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئىبراھىم ئەرەنگە تەبرىكنامە يوللىدى.

ئەردوغان تەبرىكنامىسىدا، «ئىشەنچىلىك، توغرا، تەرەپسىز ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن تارقىتىش بېرىش ئېڭى بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خەلققە خىزمەت قىلىۋاتقان  تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەيمەي» دېدى.

ئەردوغان  ت ر ت نىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە پرىنسىپال ئاخباراتچىلىقى بىلەن ئاممىۋى تارقىتىش ساھەسىدە بىر مەكتەپ تولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدىكى نەشىر بويۇملىرى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ت ر ت نىڭ يېڭى قاناللىرى ۋە كۆپ تىللىق تارقىتىشلىرى بىلەن ئادەمنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان،  ت ر ت نىڭ تۈركىيەنىڭ ساداسىنى  پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان رادىئو - تېلېۋىزىيە نەشىرياتچىلىق ساھەسىدە ھەر دەئىم تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ت ر ت نىڭ بارلىق خادىملىرۇغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى ۋە  تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر