چەت ئەللىك ئەر – ئايال بوۋاقلىرىغا تۈركىيەنىڭ ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن مىننەتتار

ئالانيادا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك ئەر – ئايال بوۋاقلىرىغا تۈركىيەنىڭ ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجاغا رەخمەت ئېيتتى.

1407541
چەت ئەللىك ئەر – ئايال بوۋاقلىرىغا تۈركىيەنىڭ ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن مىننەتتار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلغان بوۋاقلىرىنى سەھىيە مىنىستىرى  فاخرەتتىن كوجانىڭ ياردىمى بىلەن داۋالىتىپ قوچاقلىرىغا ئالالىغان چەتئەللىك ئەر – ئايال،  كوۋىد-19 يۇقۇمى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەدە ياشىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالانيادا تۇرۇشلۇق 25 ياشلىق شىۋېتسىيە پۇقراسى ئىدا سۋارۋارېفېلت ۋە يولدىشى نورۋېگىيەلىك 38 ياشلىق تېد نىيۇكىست 2 - ئايدا سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجانىڭ ياردىمى بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن 3 ئايلىق بوۋاقلىرى ئالىجىيا بىلەن ۋىرۇسقا قارشى «ئۆيدە تۇرۇش» چاقىرىقىغا رىئايە قىلىپ ئۆيلىرىدە قالغان ئىدى.

مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىزلىرىنىڭ شەخسىي دوختۇرخانىدىكى كۈندىلىك چىقىملىرىنى تۆلىيەلمەي، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق جامائەتچىلىككە نىدا قىلغان  بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالغا سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا ياردەم قىلغان ۋە بوۋاقنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئارقىلىق ئاق دېڭېز ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلار فاخرەتتىن كوجاغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شىۋېتسىيەلىك ئانا ئىدا سۋارۋارېفېلت ئانادولۇ ئاگېنتلىقى(AA) غا  بەرگەن باياناتىدا، بوۋىقىنى ئۆيىدە ساغلام ھالەتتە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدا سۋارۋارېفېلت تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا مەيلى قەيەردە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خاتىرىجەملىك تۇيغۇسى بەخش ئىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز تۈركىيە پۇقراسى ئەمەس، ئەمما ئۇلار بىزگىمۇ ئىنتايىن غەمخگورلۇق قىلدى، كۆپ ياردەمدە بولدى. بىز تۈركىيەدە بىخەتەرمىز. سەھىيە مىنىستىرلىقى سايىسىدا بوۋىقىمىز داۋالاپ ساقايتىلدى. ئۇ ھازىر بىز بىلەن بىرگە» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر