تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 2600 گە يەتتى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 2600 گە يەتتى.

1404768
تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 2600 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 109 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 2600 گە يەتتى.

بۈگۈن 38351 ئادەمنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، بۇلاردىن 3122 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بالنىستتىن چىققان 3246 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 21737 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر