تۈركىيە ترامپنىڭ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلدى.

1404909
تۈركىيە ترامپنىڭ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا قارىتا «ئىچكى سىياسىي مۇلاھىزىلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى يوق. باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋالارنى رەت قىلىمىز» دېدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ترامپنىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى تۈنۈگۈنكى سۆزلىرىنىڭ، ئەرمەنلەر دوگما ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان سۇبيېكتىپ رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئىچكى سىياسىي مۇلاھىزىلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى يوق. باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋالارنى رەت قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ باياناتىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئەرمەن ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئازابلىرىنىڭ ئەتەي كۆرمەسكە سېلىنغانلىقىنىڭ ھېس قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتتىن مەھرۇم بۇ تونۇشنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا، «ئورتاق تارىخ كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپىنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ كومىتېت قۇرۇلغان تەقدىردە، ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ تەكلىپنى كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلار بولسا، 1915 – يىل ۋەقەلىرىدىكى جاۋابكارلىقلىرىنى ئۇنۇتتۇرماقچى بولغان رادىكال ئەرمەنلەردۇر. ئامېرىكا رەھبەرلىكى بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى لازىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىش مۇساپىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمان، خىرىستىيان، يەھۇدىي قاتارلىق بارلىق ئوسمانلى خەلقىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.»

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «بۇنىڭ پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنمايدىغان ماھىيەتتىكى بىر سۆز» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەرمەنلەردىن تەرىپىدىن 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ يىل ئايلىنىش ۋاقتى دەپ قارىلىدىغان 24 – ئاپرېل ھەققىدە توختىلىپ، ئەرمەن تىلىدا «بۈيۈك پاجىئە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «مەدس يەغەرن» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر