تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1404997
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشنى نىشان قىلغان ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمان كوماندىرلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «20 نەپەر پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەقسەتلىرىگە يەتكۈزۈلمەستىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.