ئەردوغان: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلغان

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1404383
ئەردوغان: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلغان
istiklal marsi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلدى.

سۆزىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن بارلىق شېھىت ۋە غازىلارنى ياد قىلغان ھالدا باشلىغان ئەردوغان، «بۇنىڭدىن تولۇق بىر ئەسىر ئىلگىرى، پايتەخت ئەنقەرەدە ئېچىلغان بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىز، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغان بىر دەۋردە مىللىتىمىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھۆرلۈك كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بىرلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئۈستىگە قۇرۇلدى. 23 – ئاپرېل كۈنى دېموكراتىيەنىڭ، مىللىي ئىرادىنىڭ، مىللەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋولىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 23 – ئاپرېل كۈنىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ، ياشلىرىغا قانچىلىك ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈگۈن كېچە تۇنجى تەراۋىھ نامىزىنى ئادا قىلىپ، تۇنجى سوھۇرلۇقىنى يەيدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن، رامىزاننى تەبرىكلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى تۈپەيلى بۇ يىل مۇراسىمسىز ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، پۈتكۈل تۈركىيە، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:00 دە ئۆيلىرىنىڭ بالكونلىرىغا چىقىپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە مۇستەقىللىق مارشىنى ئوقۇدى. بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىۋاسىتە تارقاتقان بۇ پائالىيەتتە ئەردوغانغا بىر گۇرۇپپا بالىلار ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر