ئەمىنە ئەردوغان بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» ۋە «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.

1404089
ئەمىنە ئەردوغان بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈنىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىدىغان بۇ بايرامنى پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارغا ھەدىيە قىلغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ۋە ۋەتەننى ئۆز جېنىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆردىغان بارلىق قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز. <23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> مۇبارەك بولسۇن!»

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بالىلار بىلەن بولغان فوتو سۈرەتلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزىز  تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىشقى – مۇھەببىتىنىڭ مىسلىسىز ئابىدىسى سۈپىتىدە ئۇدا 100 يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. قىممەتلىك بالىلار! شامال بولۇپ،  قانچە ئەسىرلەر مابەينىدە شانلىق بايرىقىمىزنى لەرزان لەپىلدىتىغان ئەزىمەتلەر دەل سىلەر بولىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر