شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە بېغىشلاپ تەييارلانغان ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتۇپ مەجلىس ئېچىلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىغا بېغىشلاپ مەخسۇس تەييارلانغان ۋىدېئونى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشتى.

1401717
شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە بېغىشلاپ تەييارلانغان ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەشتى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شەنتوپ «مىللىي كۈرەش» ۋە «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» نى تەبرىكلەپ ھەمبەھىرلەشكەن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 2 – جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈ، 8 – جۇمھۇر رەئىس تۇرغۇت ئۆزال، 9 – جۇمھۇر رەئىس سۇلايمان دەمىرەل، سابىق باش مىنىستىرلاردىن ئادنان مەندەرەس، بۈلەنت ئەجەۋىت، نەجمەتتىن ئەرباقان ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فوتو سۈرەتلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ۋىدېئودا مۇنداق دېيىلدى: «مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن، مەيلى ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسۇن، مەيلى تىنچلىق مەزگىلىدە بولسۇن، ئەزىز خەلقىمىزگە بولغان چەكسىز ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلۇغۋار نىشاننى چىقىش نۇقتا قىلىپ، جۇشقۇن كەيپىيات، غۇرۇر ۋە ئۈمىدكە تايىنىپ، مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزدىن ئۇزۇقلىنىپ، ئۆزگىرىشتىن ھاسىل قىلىنغان كۈچىمىزگە ئاساسەن مىللىي ئىرادە يولىدا <قۇدرەتلىك تۈركىيە> ئۈچۈن سان – ساناقسىز يۈز يىللارنىڭ غەلىبە سادالىرى ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز.»

شەنتوپ ئۇچۇرىنى، «جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ پەيزىنى ئۆيىڭىزدە سۈرۈڭ!» ۋە «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!» شوئارلىق بەلگىسى بىلەن تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر