تۈركىيەدە قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى

5 يىل ئىلگىرى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولغانلىقى ئېنىقىلانغان ۋە كود ئىسمى «ئاندوك» دەپ ئاتالىدىغان ئابدۇراخمان كايىخان قايىل قىلىش نەتىجىسىدە ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە تەسلىم بولدى.

1401087
تۈركىيەدە قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىم ساقچىلار، ژاندارما قىسىملىرى ۋە ئائىلىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېمىرىلىشى داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە ، 5 يىل ئىلگىرى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى ئېنىقىلانغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سۈرىيەدە پائالىيەت قىلغان ۋە كود ئىسمى «ئاندوك» دەپ ئاتالىدىغان ئابدۇراخمان كايىخاننىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش خىزمىتى نەتىجىسىدە قىزىلتەپە ناھىيەسىدە ساجچىلارغا تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن 1 - يانۋاردىن بۈگۈنگە قەدەر قايىل قىلىش ئارقىلىقلا تەسلىم بولغان تېرورچىلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر