ي ت ب باشلىقى ئەرەن شىمالىي ماكېدونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا سىن كۆرۈنۈشلۈك لېكسىيە سۆزلىدى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى (ي ت ب) باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، «كۆۋرۈك ياشلار مەكتىپى – 2020» تۈرى دائىرىسىدە شىمالى شىمالىي ماكېدونىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا تور ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

1400624
ي ت ب باشلىقى ئەرەن شىمالىي ماكېدونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا سىن كۆرۈنۈشلۈك لېكسىيە سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرەن، بالقان دۆلەتلىرىدىكى ياشلارنىڭ تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن ۋە ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرىگە قىلغان كوۋىد – 19 ياردەملىرىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرەن، دوست ۋە قېرىنداش شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزىنىڭ شەخسىي ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن «كۆۋرۈك ياشلار مەكتىپى» تۈرىگە قاتناشقان ياشلارغا، بۇ تۈر دائىرىسىدە كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىلىرى، تەپەككۇر ۋە تارىخ لېكسىيەلىرى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لېكسىيەلىرى، تەلىم – تەربىيە كۇرسلىرى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر