تۈركىيەنىڭ تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ئايروپىلان سومالىغا يېتىپ باردى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغان ساغلاملىق بۇيۇملىرى بېسىلغان تۈركىيە ئارمىيەسى ئايروپىلانى سومالىغا يېتىپ باردى.

1400627
تۈركىيەنىڭ تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ئايروپىلان سومالىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىغا قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغان ساغلاملىق بۇيۇملىرى بىلەن رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ كېرەكلىك لازىمەتلىرى بېسىلغان تۈركىيە ئارمىيەسى ئايروپىلانى پايتەخت موقدىشۇغا يېتىپ بارغان.

سومالى سەھىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى مۇھەممەد سەئىد ئايروپىلاندىكى خىزمەتچى خادىملارنى كۈتۈۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر