ت ر ت «يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى تارقىتىشنى بۈگۈن باشلايدۇ

ت ر ت، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنى تېما قىلغان «يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ.

1400519
ت ر ت «يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى تارقىتىشنى بۈگۈن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى – ت ر ت نىڭ «ھۆججەتلىك فىلىم» قانىلى،  تۈركىيە ۋە دۇنيانى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنى تېما قىلغان «يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ.

«يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ئادەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەمەس ، بەلكى مۇشۇ بىر ئەسىرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولغان ۋىرۇسنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ۋىرۇسنىڭ قىتئەلەر ئارا سەپىرى، بېرىلگەن قۇربانلار ، كرىزىس مەزگىلىدە چىقىرىلغان قىيىن قارارلار ۋە ھازىرغىچە تارقالمىغان ئىلھام مەنبەسى ھېكايىلىرى ھۆججەتلىك فىلىمدە تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدۇ.

مۇشەققەتلىك كۈرەشنى تېما قىلغان 6 قىسىملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، يۇقۇمغا ئۆزگىچە كۆزنەكتىن قاراش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، خىتايدا باشلانغان بۇ كېسەللىكنىڭ مىليون نوپۇسلۇق بىر شەھەرنىڭ قانداق كارانتىن قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

«يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ت ر ت نىڭ «ھۆججەتلىك فىلىم» قانىلى تارقىتىلىشقا باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر