ئەنگلىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئىراقتىن يۈزلەرچە كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئەنگلىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئىراقتىن 700 گە يېقىن ئادەمنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى.

1399980
ئەنگلىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئىراقتىن يۈزلەرچە كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە پۇقراسى 262 كىشى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىن ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىندى.

ئەنگلىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈركىيە پۇقرالىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئاپتوبۇسلار سېلىنىپ چانقىرىدىكى بىر ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

142 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنى ئېلىپ ئۇكرائىنادىن قوزغالغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ترابزون ئايرودۇرۇمىغا قوندى؛ ئايروپىلاندىكىلەر سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن رىزەدىكى بىر ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىراقتا ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلار ۋە ئىنژېنېرلار بولۇپ 271 كىشى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن قەيسەرىگە ئېلىپ كېلىندى.

چەت ئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەر 14 كۈن بويىچە كارانتىن قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر