«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ لىق 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1400076
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇزۇر ۋە تىنچ مۇھىتنى بۇزۇش ئۇرۇنۇشى، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز  تەرىپىدىن ئالدى ئېلىندى. 4 تېررورچى زەربىدارلار ئەترىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتى نەتىجىسىدە مەقسىتىگە يېتەلمەستىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر