ئالبايراق: 20 – گ گۇرۇھى كۈتۈلمىگەن كىرىزىسلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى كۈتۈلمىگەن كىرىزىسلەرگە قارشى كۈرەشكە قارىتا پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشنى ئەھدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1399418
ئالبايراق: 20 – گ گۇرۇھى كۈتۈلمىگەن كىرىزىسلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىسى باشلىقلىرىنىڭ   تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يىغىندا ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ھەرىكەت پىلانى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 20 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ بۇ پىلانغا ئاساسەن سەھىيە ساھەسىگە، پۇقرالارغا ھەم سودا – سانائەت دۇنياسىغا تېگىشلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى، 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى كۈتۈلمىگەن كىرىزىسلەرگە قارشى كۈرەشكە پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشنى ئەھدە قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر