ئىبراھىم قالىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى ئالاقزادىلىشىپ كەتمەستىن ۋە بىپەرۋالىق قىلماستىن قولمۇقول يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1398603
ئىبراھىم قالىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «تۈركىيە تەدبىر ۋە داۋالاشتا ئەۋزەل ئورۇندا تۇرماقتا. سەھىيە ئۇل – ئەسلىھەمىز كۈچلۈك. كارىۋات ۋە دورا زاپىسىمىزدا يېتەرسىزلىك يوق. يۇقۇمنى تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش ئارقىلىق توختىتالايمىز. ۋىرۇسنى ئالاقزادىلىشىپ كەتمەستىن ۋە بىپەرۋالىق قىلماستىن قولمۇقول يېڭىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن ئۇچۇرىدا، تۈركىيەدىكى كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر