ئەردوغان ئەرسىن تاتار ۋە ئابىي ئەھمەد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد ئەلى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1398417
ئەردوغان ئەرسىن تاتار ۋە ئابىي ئەھمەد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرىشىگە ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىگىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد ئەلى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، ئەردوغاننىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدە ئابىي ئەھمەد ئەلىگە، كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد، تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقورى تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، مەمنۇنىيىتىنى ئىزھار قىلغان ھالدا «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون سۆھبىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. ئاساسىي تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەشتە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر